- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گۇاڭجۇدىن موسكۋاغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىۋېتىلدى
2013.06.21 15:28 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
20-ئىيۇن كەچتە ، گۇاڭجۇدىن موسكۋاغا بىۋاستە ئۇچىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئايروپىلاننى كۈتۈۋېلىش كەچلىك زىياپىتى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى موسكۋادىكى چوڭ شەھەر مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى . رۇسىيە فېدېراتىپ تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى ، جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى ، جۇڭگو ۋە رۇسىيە تاراتقۇلىرى ھەمدە سودا ساھەسىدىكى زاتلاردىن بولۇپ 150 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى .
19-ئىيۇن ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ A330 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى گۇاڭجۇدىن موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان . دۆلىتىمىز ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئاچقان گۇاڭجۇدىن بىۋاستە موسكۋاغا ئۇچىدىغان بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى گۇاڭجۇدىن بىۋاستە موسكۋاغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ شۇنىڭدىن باشلاپ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە