باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ باشلىقلىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بولدى

2013.06.21 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 56 ياش، ئەڭ كىچىكى 46 ياش

  بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ئەنخۇي ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ۋاڭ شۆجۈن ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. شۇنداق قىلىپ، بۇ يىللىق ئىككى يىغىندىن كېيىن يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 9 مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى (رەئىس)نىڭ ھەممىسى «رەسمىيلىشىپ» بولدى. شۇنىڭ بىلەن 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «بىرىنچى قول رەھبىرى» تولۇق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بولدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر باشلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 56 ياش ئىكەن، 50-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ سانى 25 بولۇپ، %80نى تەشكىل قىلىدىكەن. 60-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار 6 بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە چېن مىنئېر ۋە خاۋ پېڭ 1960-يىلى تۇغۇلغان، جاڭ چىڭۋېي ۋە نۇر بەكرى 1961-يىلى تۇغۇلغان، سۇ شۇلىن 1962-يىلى تۇغۇلغان ئىكەن. يەنە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لۇ خاۋ 1967-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئەڭ ياش ئۆلكە باشلىقى ئىكەن.

  مۇخبىر ئىستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق يەنە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بۇ 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر باشلىقلىرى ئىچىدە يېرىمىنىڭ ئىقتىساد ياكى باشقۇرۇش پەنلىرىدىن ئىلمىي ئۈنۋانى بارلىقىنى، 28ىنىڭ ئاسپىرانتلىقتىن يوقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تيەنجىن شەھرىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شىڭگو، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى گو شۇچىڭ، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لوۋ چىنجيەن، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لى جىخېڭلارنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار ئىكەن.

  كۆزىتىلىشىچە، بۇ 31 نەپەر «بىرىنچى قول رەھبەر» ئىچىدە، جېجياڭدا تۇغۇلغانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، خۇاڭ شىڭگو، ياڭ شيۇڭ، خۇاڭ چىفەن، لى چياڭ، دۇ جياخاۋ، جۇ شياۋدەن، چېن مىنئېر قاتارلىقلار جېجياڭلىق ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر باشلىقلىرى ئىچىدە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ليۇ خۇي ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بىردىنبىر ئايال باشلىق ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە