باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9 مىنىستىرلىق-كومىتېت سۈت پاراشۇكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەدبىر تۈزدى

2013.06.21 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتتىن كىرگەن سۈت پاراشۇكلىرى قارا تىزىملىككە ئېلىنىپ بازاردىن چىقىرىلىدۇ
  بۇ يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشۇكى مەسىلىسى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا تىلغا ئېلىندى ھەمدە گوۋۇيۈەن نامىدىن دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان سۈت پاراشۇكىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئەتراپلىق، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  6-ئاينىڭ 16-كۈنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يىمەكلىك-دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، يىزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، تامۇژنا باش مەھكىمىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى قاتارلىق 9 مىنىستىرلىق-كومىتېتىنىڭ بوۋاقلار سۈت پاراشۇكىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرىنى تارقىتىپ، تارىختىكى ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تۈنۈگۈن بۇ پىكىر رەسمىي ئېلان قىلىندى. 9 مىنىستىرلىق-كومىتېت تاراتقۇلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسىسى پىكىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوۋاقلار سۈت پاراشۇكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە