باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ھەرقايسى 6 تەرەپ سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلاشقا تۈرتكە بولۇشقا شارائىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ

2013.06.21 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پۇرسەتنى چۇڭ تۇتۇپ، 6 تەرەپ سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلاشقا تۈرتكە بولۇشقا شارائىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  بىر مۇخبىر خەۋەر قىلىنىشىچە، چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن ۋازىرى كىم كيۇۋگۇەن 19-ئىيون چاۋشيەننىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەكىلدىكى سۆھبەتلەرگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما كورىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق تەرەپلەر چاۋشيەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈنلا سۆھبەت ئۆتكۈزمەستىن، بەلكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭقا قانداق قارايدۇ؟ 6 تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا ئالدىنقى شەرت قويۇش كېرەكمۇ؟ دەپ سورىغاندا خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىدە بىر قىسىم پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، بۇ ئاسان قولغا كەلمىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بۇنى قەدىرلىشى، سۆزلىشىش ۋە ئۇچرىشىشنى ساقلاپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 6 تەرەپ سۆھبىتى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش، يېرىم ئارال ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئۈنۈملۈك مېخانىزم، شۇنداقلا ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىدىكى مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، 6 تەرەپ سۆھبىتى مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، 2005-يىلى ئىمزالانغان 19-سېنتەبىر ئورتاق باياناتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ھەمدە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە