باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى تالىبان بىلەن سۆھبەتلىشىشكە دەۋەت قىلدى

2013.06.20 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تۈنۈگۈن بېرلىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئارىسىدا ئىشەنمەسلىك مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىپ، ئافغانىستان توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئوباما گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئەڭ ئاخىردا ئافغانىستانلىقلار بىلەن ئۇلارنىڭ قانداق ئالغا ئىلگىرىلىشى ھەمدە زوراۋانلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى ھەقىقىي تۈردە دۆلەت قۇرۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش زۆرۈر دەپ قارايمىز. ئوباما مۇنداق دېدى: مەن ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزايى ئېلان قىلغان ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسمىدىن بىخەتەرلىك مۇداپىيە فونكىتسىيىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەققىدىكى باياناتىنى قارشى ئالىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە