باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كەڭ دېققەت ئېتىبارنى قوزغىدى (1)

2013.06.21 10:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ئىككى يىغىن ئېچىلغاندىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئىشلىرىنى تېز يولغا قويۇشى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا كەڭ دىققەت ئېتىبارنى قوزغىدى ۋە ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

  گو ۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 19-ماي گو ۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يەنە 32 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشى پىلانىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تۆمۈر يول يولۇچى، يۈك بىۋاستە تىرانسپورتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، نەشرىيات ئورگانلىرىنىڭ ئۆزگەرتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەنگە چۈشۈرگەن ھوقۇقلار ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىجازەتنامىسى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلەرنىڭ ئىچكىرىدە مۇستەقىل مەبلەغ سالغان دوختۇرخانا قۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  13-ماي، لى كېچياڭ گو ۋۇيۈەننىڭ ئورگان فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدا 133 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى جاكارلىغان ئىدى.

  نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئېنىقسىز ئامىللار بىر قەدەر كۆپ بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ھۆكۈمەت قول تىقمىسا بولمايدۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ قولى بەك ئۇزىراپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. قانداق قىلىپ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق، بازار سۇبىكتىنىڭ ئىجادكارلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇش يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىكى يادرولۇق مۇھىم خىزمەت بولۇپ قالدى.

  بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇن. چۈنكى ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش جايىدا بولمىسا، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ، بازارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئىشقا سالغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ مىكرولۇق ئىقتىساد قاتلىمىدا، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك باشقۇرۇشلىرى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق چەكلىمە قويۇلغان سىياسەت تەدبىرلىرى كارخانىلارنىڭ ئەركىن، ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا تىجارەت قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ. بۇ دەل بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىش ئىرادىسىنىڭ گەۋدىلىنىشى.

  باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان مىكرو جەھەتتىكى ئىشلارنى قەتئىي ھالدا بازارغا تاپشۇرۇش، جەمئىيەتكە تاپشۇرۇش، كۈچەيتىشكە تېگىشلىك ماكرولۇق باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، ئىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى كۆپرەك تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئىش جەريانى ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ۋايىغا يەتكۈزۈش لازىم. بۇ ئەل ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىش ئورنى كۆپەيتىش، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە شىپا بولىدىغان ياخشى دورا.

  زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەتنىڭ رول ئويناش چېگرىسىنى ئېنىق بېكىتىپ بەرمەكتە.

  بازار ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقىي تىگىشلىك رول ئوينىشىنى كۈتمەكتە.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە