باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خاسىيەتلىك كېمە-10»دا ئۆتۈلگەن ئالەم بوشلۇقى دەرىسىنىڭ تەننەرخى تەخمىنەن 350 مىڭ يۈەنگە يەتتى

2013.06.21 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئالەم بوشلۇقدا دەرس ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى دى نەييۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، «ئالەم بوشلۇقى دەرىسى» ياش-ئۆسمۈرلەر تەلىم-تەربىيەسىدە ئىنتايىن مۇھىم. بۇ دەرس ئارقىلىق بالىلار ئالەم بوشلۇقىنىڭ قانداق بىر مۇھىت ئىكەنلىكىنى، يەر يۈزى بىلەن قانداق ئوخشىماسلىقلىرى بارلىقىنى، ئۇنىڭدا قانداق ئاجايىپ ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. بۇلار ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تەپەككۈرى چوڭقۇرلىشىدۇ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كېيىنچە مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە تېخىمۇ ئەتراپلىق ئويلىنىدىغان بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ دەرس ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكىغا بولغان قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ قوزغاتقىلى بولىدۇ.

  ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دەسلەپكى لايىھەدە دەرس مەزمۇنى تۈنۈگۈن نەق مەيداندا كۆرسىتىلگەن تەجرىبىلەر بىلەنلا چەكلەنمىگەن، ئەمما ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئاخىرىدا دەرستە شۇنچىلىك مەزمۇنلارلا كۆرسىتىلگەن. دى نەييۇڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەجرىبە جەريانىدىكى ئىپادىسىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغان.

  ئالەم بوشلۇقى دەرسىنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىن جىن شېڭ مۇئەللىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەمەلىيەتتە ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتۈش پىلانىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى بىر يىلنىڭ ئالدىدا باشلانغان بولۇپ، ئەسلىدە «خاسىيەتلىك كېمە-9»دا ئۆتۈش پىلانلانغانىكەن، ئەمما «خاسىيەتلىك كېمە-9»نىڭ بوشلۇقتا تۇرۇش ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بوشلۇقتا تۇتاشتۇرۇش بولغاچقا، ئاخىرىدا بۇ پىلان «خاسىيەتلىك كېمە-10»دا ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 1 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ماددىنى يەر يۈزىدىن يەرگە ئەڭ يېقىن ئوربىتىدىكى بوشلۇق پونكىتىغا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن تەخمىنەن 20 مىڭ دوللار كېتىدىكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، دەرس سايمانلىرىنى بوشلۇققا يەتكۈزۈش تەننەرخى 58 مىڭ دوللارغا، يەنى خەلق پۇلىدا 350 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە