باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھامىلە چۈشۈرۈشكە قارشى قانۇن ماقۇللاپ، ھامىلدار بولغىنىغا 20 ھەپتىدىن ئاشقان ھامىلىنى چۈشۈرۈشنى چەكلىدى

2013.06.21 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فرانسىيە يېڭى ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن بەرگەن 18-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدراتسىيە ئاۋام پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان بىر قانۇننى ماقۇللاپ، ھامىلدار بولغىنىغا 20 ھەپتىدىن ئاشقان ئاياللارنىڭ ھامىلىنى چۈشۈرۋېتىشىنى چەكلىدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق بولغان ھامىلە چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.«ئاغرىقنى سېزەلەيدىغان ھامىلىنى قوغداش قانۇنى» (Pain-Capable Unborn Child Protection Act)ئاۋام پالاتادا 196 بېلەتكە قارشى 228 بېلەت بىلەن ماقۇللاندى. بىراق بۇ بىر سىمۋوللۇق قانۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوباما ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلۇپ قانۇنغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.ئاقساراي تۆنۈگۈن بۇ قانۇننى رەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالدى ۋە بۇ ‹ئاياللارنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق› دېدى.

  ئاۋام پالاتا رەئىسى بوېنېر ئالقىشلاپ:«بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى قىممەتلىك دېگەنلىك » دېدى ھەمدە ئىلگىرى يۈز بەرگەن گوسنېل دوختۇرنىڭ ئامبۇلاتورىيەسىدە قانۇنسىز ھامىلە چۈشۈرگەنلىكى شىكايەت قىلىنىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە