- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا 100 يېمەكلىك كارخانىسى يېمەكلىك سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى
2013.06.20 16:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
|
يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى «ۋەدىنامە»گە ئىمزا قويدى |
شىنجاڭدىكى 100 يېمەكلىك كارخانىسى 19-ئىيۇن سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە ئورتاق ۋەدە بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ، ‹‹يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك ۋەدىنامەسى ›› گە ئىمزا قويدى . ‹‹ۋەدىنامە ›› دە مۇنداق دېيىلدى : سۈپەت بىخەتەرلىكىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، سۈپەت بىخەتەرلىكى باشقۇرۇشىنى ئاڭلىق كۈچەيتىمىز ، سۈپەت بىخەتەرلىكى كونترول سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، خام ماتېرىيال زاۋۇتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ ، كارخانا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قەرەللىك ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلغۇچى تارماقلارغا كارخانىلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىمىز ، ئىشلەپچىقىرىش ، تىجارەت جەريانىدا بايقالغان سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنى ، ساقلانغان خەتەرلىك يۇشۇرۇن ئەھۋاللار ۋە كۆرۈلگەن سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىمىز .
بۇ پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەشكىللىگەن بولۇپ ، ئاپتونوم رايوندىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى . سۈپەت نازارەتچىلىك تارماقلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ، سېتىش كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ ، ‹‹ يېمەكلىك سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە ۋەدە بېرىش ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەخلاق ، سەمىمىيەت دەرسخانىسى ›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە