- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«سۇرىيەنىڭ دوستى» 11دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
2013.06.20 16:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈن فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئەربابىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 11 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى قاتناشقان «سۇرىيەنىڭ دوستى» يىغىنى 22-ئىيۇن قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھەدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، يىغىندا سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھقا ھەربىي ياردەم بېرىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. فرانسىيە، ئەنگلىيە ، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىئوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تۈركىيە ۋە مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىدىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە: 14-ئىيۇن 11 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى سۇرىيە ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رەھبىرى سالىم ئىدرىس بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە كۆرۈشكەن، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ بۇ يىغىندا بەزى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. دەۋھە يىغىنىدا سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش يولى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە