19-ئىيۇن ئەتىگەن شىنجاڭ بايىنبۇلاق يايلىقى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ قېلىن قارنى كۈتۈۋالدى، سائەت 11گىچە، ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى جەمئى 5.5سانتىمېتىرغا يەتتى.
مۇخبىرنىڭ مېتىرولوگىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم ھۆل-يېغىن سېستىمىسىنىڭ شىمالغا يۆتكىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 18-ئىيۇن چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، بايىنبۇلاقتا ھۆل-يېغىن كۆرۈلگەن. شۇ جاي تېمپراتۇرىسى 0 سېلېىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولغانلىق سەۋەبىدىن، دەسلەپ يامغۇر ياغقان. بىراق كېچىدە تېمپراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، يامغۇر 19-ئىيۇن سەھەر سائەت 5تىن باشلاپ قار ئارىلاش يامغۇردىن قارغا ئايلانغان.
بايىنبۇلاق مېترولوگىيە كۆزىتىش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شياۋبىڭغا نىسبەتەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2483مېتىر كېلىدىغان بايىنبۇلاق يايلىقىدا قار يېغىش ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىمۇ 6-ئايدا قار ياغقان، ئەمما بۇ قېتىم قار مىقتارىنىڭ ئاز كۆپلىكى ئوخشىمايدۇ. كۆزىتىش پونكىتىنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، 19-ئىيۇن سەھەردە، بايىنبۇلاقتا كۆرۈش ئارلىقى 5كىلومېتىرغىمۇ يەتمىگەن. سائەت 11گىچە ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 5.5سانتىمېتىرغا، ئومۇمىي ياغقان قار 22.9مىللىمىتىرغا يەتكەن بولۇپ، قېلىن قار ئۆلچىمىگە يەتكەن.سۈرەتتە: 19-ئىيۇن سەھەردە بايىنبۇلاق قارغا پۈركەلدى، سائەت 11گىچە قار قېلىنلىقى 5.5سانتىمېتىرغا يەتتى.
مەنبە: خەلق تورى