باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەككىز دۆلەت گۇرۇھى سۈرىيە مەسىلىسىدە بىردەكلىككە كەلدى(1)

2013.06.21 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى كۈن ئېچىلغان 8 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى 18-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئەنگىلىيەنىڭ شىمالىي ئېرلاندىيەدە يېپىلدى، 8 دۆلەت باشلىقلىرى سۈرىيە مەسىلسى، ئادىل باج كىرىمى ۋە ياۋروپا ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئورتاق تونۇشقا كەلدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق 8 دۆلەت سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بىردەكلىككە كەلگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ ئورتاق تونۇشلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى كونكېرت ھەرىكەتتە ئەمىلىيلىشىدىغان ئەمەلىيلەشمەيدىغانلىقى، سۈرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىشقا ئۈنۈمى بار يوقلىقى ھەققىدە يەكۈن چىقىرىش قىيىن.

  ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 8 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى سۈرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ئورتاق تونۇشقا كەلدى، دىپلوماتىيەدە بېسىم ئىشلىتىپ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنى تېزدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە دەۋەت قىلىدىغان بولدى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۈرىيەگە يەنە تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش قارار قىلىندى.

  8دۆلەت گۇرۇھى سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن ھەرقانداق تەرەپنى ئەيىپلىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئىشلارنى تەكشۈرۈشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بولدى، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىي ھەرىكەتلەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى.

  8 دۆلەت گۇرۇھى يەنە بىر قېتىم سۈرىيە مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى ئېچىشنى، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا جەنۋە ئاخباراتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۈرىيەدە ئۆتكۈنچى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇپ بارلىق مەمۇرىي ھوقۇقنى بۇ ئاپپاراتقا بېرىپ ، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئاساسلىق ئاپپاراتلارنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلدىغان بولدى.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: 8 دۆلەت گۇرۇھى سۈرىيەدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئورتاق نىشاننى تەكىتلىدى، دىپلوماتىيە بېسىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق سۈرىيەدىكى توقۇنۇشىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاشقا قوشۇلدى ھەمدە سۈرىيەدىكى توقۇنۇشتا تېررورچى ۋە ئەسەبىي كۈچلەر بار دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلدى، بۇ 8 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى شۇنداقلا سۈرىيە توقۇنۇشىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ئېيتقاندەك ئۇنچە ئاددىي ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە