باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئاشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىلىۋېلىش باھاسى سىياسىتىنى يولغا قويغان ئون يىلغا نەزەر

2013.06.20 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىك مىنسىتىرلىقىنىڭ مۆلچەرىچە، بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن يەنە ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد باركەن، بۇ بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا پائال رول ئوينايدىكەن، ئېلىمىز بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى يولغا قويۇشقا باشلىغان ئاشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا ھوسۇل ئېلىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  2004-يىلى ئېلىمىز ئاشلىق سېتىۋېلىش بازىرى ۋە سېتىۋېلىش باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىپ، ئاشلىق باھاسىنى بازار بەلگىلەيدىغان بولدى، ئاشلىق باھاسى قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن 2004- ۋە 2006-يىلدىن باشلاپ دۆلەت ئاساسلىق ئاشلق ئىشلەپچىقىرىلدىغان رايونلاردا شال، بۇغدايدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىلىق ئاشلىق تۈرىگە ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى يولغا قويدى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئېلىمىز ھەر يىلى ئاشلىقنىڭ تەننەرخ كىرىمى، تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، بۇغداي، شال قاتارلىق تۈرلۈك سوررتلارنىڭ ئەڭ تۆۋەندە سېتىۋېلىش باھاسى سەۋىيەسىنى بېكىتكەن شۇنداقلا زىرائەت تېرىقچىلىق ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان.

  يېڭى ئاشلىق چىققاندىن كېيىن، دېھقانلار بازارغا كىرىپ ئاشلىق ساتىدۇ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلار بازارلىرىدا ئاشلىق باھاسى بىرقەدەر چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىدىنمۇ تۆۋەن بولۇپ قالغاندا دۆلەت بېكىتىپ بەرگەن كارخانىلار يەنى جۇڭگو زاپاس ئاشلىق شىركىتى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە ئاشلىقنى سېتىۋېلىپ، بازاردىكى ئاشلىق باھاسىنىڭ مۇۋاپىق يۇقۇرى ئۆرلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بىرقانچە يىلدىن بۇيان، گەرچە خەلقئارا بازارلاردا ئاشلىق باھاسىدا زور داۋالغۇش بولسىمۇ، دۆلەت ئىچىدە ئاشلىق باھاسىدا باشتىن ئاخىرى مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپچانلىقى بىرقەدەر ياخشى قوغدىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېىشىشى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويندى، 2007-يىلدىن 2012-يىلىغىچە، يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ ئوتتىرىچە ساپ كىرىمى يىلىغا %9.9 ئېشىپ، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆزىلىرى بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىمىدىن 1.1 پوئىنت يۇقۇرى بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئاشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم بازارنىڭ مېخانىزملىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان، ھەم دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىم تەرەقىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاشلىق باھاسىنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسنى بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە