- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جايلار چارە-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈردى
2013.06.24 15:40 مەنبە: خەلق تورى
بۇ يىل دۆلىتىمىزدە 6 مىليون 990 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدۇ، بۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى زورايتىپ، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى ئىنتايىن كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2013-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى چىقاردى، ھەرقايسى ئۆلكىلەر بۇنىڭ يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە قانداق ماسلىشىش، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېنچىكىلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار پائال ئىزدەندى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ئەمەلىيلەشتى
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2013-يىلدىن باشلاپ، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر قېتىملىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ھەرقايسى جايلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى.
سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى يەنىلا كۈچەيتىشكە موھتاج
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇشتا، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي سالمىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن سىرت، باشقا تەرەپلەردىكى سەۋەبلەرمۇ بار دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، بەزى سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ياكى سىياسەت تەسىرىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىغانلىقى قاتارلىقلار.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە