باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن زۇڭلىسى ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستىپا بەردى

2013.06.24 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئىيۇن راماللاھتىن بەرگەن خەۋىرى: پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئەبۇ لۇدەينانىڭ 23-چېسلا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دەلىللىشىچە، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا ئەمدىلا ئۈچ ھەپتە بولغان زۇڭلى زۇڭلى رامى ھەمدۇللانىڭ ئىستىپانامىسىنى رەسمىي قوبۇل قىلغان.

  پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئەربابى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ھەمدۇللا مۇئاۋىن زۇڭلى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى ئىستىپانامە سۇنغان. ئابباس ھەمدۇللانى تۇتۇپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ھەمدۇللا بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىشنى ھەمدە ھەمدە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇشنى تەلەپ قىلغان، يەنە تېخى ئابباستىن ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلغان. تولۇق ئويلىشىش ئارقىلىق، ئابباس ئاخىرى ئىستىپانامىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان. (لۈ يىنشۈ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە