باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە سۇرىيە كىرىزىسى بويىچە 2–قېتىملىق جەنۋە يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.06.21 16:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لۇدلېئون بۈگۈن 2 – قېتىملىق جەنۋە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ سىياسىي يولىنى تېپىشنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلدى.

  لۇدلېئون 20 – ئىيۇن فىرانسىيە رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ھەرقايسى تەرەپلەر جەزمەن ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك، چۈنكى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلغاندىلا، سۇرىيە خەلقىنىڭ ئازاب – ئوقۇبىتى ۋە تىراگېدىيەسىنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ، دېدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر 2 – قېتىملىق جەنۋە يىغىنىغا جەزمەن قاتنىشىپ، مەسىلىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، سۇرىيە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قېلىپ، قازا قىلغانلار داۋاملىق كۆپىيىدۇ، ھەتتا توقۇنۇش ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كېڭىيىدۇ. سۇرىيە توقۇنۇشى سەۋەبىدىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىمسىزلاشتى، بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ئىيوردانىيەدە ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە