باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى

2013.06.24 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى، 23-ئىيۇن، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەردە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جېڭى باشلاندى.

  ھازىرغىچە، جېجياڭ، سىچۇەن، گەنسۇ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، گۇاڭشى، گۇيجۇ، نىڭشيادىن ئىبارەت سەككىز ئۆلكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. 23-ئىيۇن سائەت 12:00 دە، بېيجىڭدىكى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنى تور بېكىتى، ياكى 12580 ئاۋازلىق تېلىفونىغا تېلىفون ئۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھەرقايسى تۈركۈمدىكى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى بېكىتىلدى، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى: ئىجتىمائىي پەننىڭ 549، تەبىئىي پەننىڭ 550 بولدى.

  يەنە خۇبېي، جياڭشى، ئىچكى موڭغۇل، تيەنجىنلارمۇ 23-ئىيۇن ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. 24-ئىيۇندىن باشلاپ، چۇڭچىڭدىكى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ چۇڭچىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىمتىھان ئورنى تور بېكىتى ياكى چۇڭچىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورىغا كىرىپ، ئىمتىھان بەرگەن نومۇرى ۋە ئىمتىھان كىنىشكىسىدىكى مەخپىي نومۇرى بىلەن ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرەلەيدۇ.

  25-ئىيۇندىن باشلاپ، شىنجاڭ، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ، خەينەن، جياڭسۇ، خېنەن قاتارلىق جايلار ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

  26-ئىيۇن ئەتراپىدا، خۇنەن، چىڭخەي، لياۋنىڭ، شىزاڭلارمۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە