باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 700 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار يۈزدىن ئاشتى

2013.06.25 09:40        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش يولى 23-ئىيۇن ئېچىلدى، ھەممەيلەن دىققەت قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتىكى تۈركۈم بويىچە ئېلىش نومۇر سىزىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى. ئىجتىمائىي پەنگە 1-تۈركۈمدە تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىش نومۇر سىزىقى 549، تەبىئىي پەننىڭ 550 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن ئايرىم-ئايرىم 54 ۋە 73 نومۇر يۇقىرى بولدى. بۇ يىل ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن تولۇق كۇرس كەسىپلىرىگە قوبۇل قىلىش سىزىقىدا بېيجىڭ 2002-يىلى ئۆز ئالدىغا سوئال چىقارغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.

  بېيجىڭ مائارىپ ئىمتىھانى ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساڭ تيېجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گەرچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەتىجىسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھەر قايسى نومۇر سىزىقلىرىغا تارقىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، تارقىلىشتا ئاساسەن نورماللىقنى ساقلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى يۈكسەلدى، بەك ئېگىز-پەس بولۇپ كەتمەي، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي كەسىپ سەۋىيەسىنى خېلى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  باشقا يىللاردا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارىسىدا 700 دىن يۇقىرى نومۇر ئالىدىغانلار ئاساسەن ئوندىن تۆۋەن ياكى ئوندىن يۇقىرى بولغان ئىدى، ئەمما بۇ يىل يۈزدىن ئېشىپ، يۈز نەچچىگە يەتتى. 650 تىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار ئۈچ مىڭدىن ئاشتى. بۇ سان باشقا يىللاردىكى 600 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلارنىڭ سانى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشتى.

  ساڭ تيېجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بېيجىڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش مەزمۇنىنىڭ دائىرىسى بىلەن ئىقتىدارىنىڭ دائىرىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ھەر قايسى پەنلەر مۇۋاپىقلىشىشقا قاراپ ئۆزگەردى شۇنداقلا بىر قەدەر كۆپ يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شەھىرىمىزدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سانى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بۇلتۇرقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، لېكىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ئۆستى، نومۇر سىزىقى تەبىئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.مائارىپ ئىمتىھانى ئورنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش 6-ئىيۇلدىن 7-ئاۋغۇستقىچە بولىدۇ. بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا تۈركۈم، ئارزۇسى بويىچە قوبۇل قىلىش ئەندىزىسىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ.

  ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا يول قويماسلىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىشقا يول قويماسلىق، ھەر قانداق شەكىل بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ نورمال تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈش، كاشىلا قىلىشقا يول قويماسلىق، ھەر قانداق ۋاسىتىچى ئورگانلار ياكى شەخسىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە ياردەملىشىش، قاتنىشىشقا يول قويماسلىق، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سوۋغات، نەقپۇل، باھالىق ئاكسىيەلىرىنى ئېلىش ياكى قوبۇل قىلىشقا يول قويماسلىق، ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا چېتىشلىق ھەر قانداق راسخوت ئېلىشقا يول قويماسلىقتىن ئىبارەت ئالتىگە قويماسلىق بەلگىلىمىسى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ ھەم قوبۇل قىلىش نەق مەيدانىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس قۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشنىڭ پۈتۈن جەريانى ئەمەلىي نازارەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ ئىمتىھانى ئورنى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدىكى سۈرۈشتۈرۈش، مەسلىھەت بېرىش، كۈتۈۋېلىش نۇقتىسى، مەخسۇس تېلېفون تەسىس قىلىدۇ، مەخسۇس خادىملارنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سۈرۈشتە ۋە ئەرزلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىياسەت، بەلگىلىمە بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سوئاللىرىغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە