باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2012-يىلدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ 772نەپەر خىيانەتچى ئەمەلدارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2013.06.25 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2012-يىل 1-ئايدىن 2013-يىل 5-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدىكى تەپتىش ئورگانلىرى خىيانەتچىلىك، پارا ئېلىش دىلوسى يىپ ئۇچىدىن جەمئىي 1013نى قۇبۇل قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە 959نى تەكشۈردى، 703ىگە دىلو تۇرغۇزۇپ، 772 ئادەمنى تەكشۈردى.

  24-ئىيۇن، ئاپتۇنۇم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى «پاش قىلىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 2012-يىل 1-ئايدىن 2013-يىل 5-ئايغىچە ئاپتونۇم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى خىيانەتچىلىك، پارا ئېلىش دىلوسى يىپ ئۇچىدىن جەمئىي 1013نى قۇبۇل قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە 959نى تەكشۈردى، 703ىگە دىلو تۇرغۇزۇپ، 772 ئادەمنى تەكشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ دىلودىن 370ى بولۇپ، مۇھىم دىلوغا 43 ئادەم چېتىلىپ، قايتۇرۇۋېلىنغان ئىقتىسادىي زىيان 196مىليون 882مىڭ 2يۈز يۈەن بولغان؛ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلىش دىلوسى يىپ ئۇچى 359 بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈلگىنى 330، دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگىنى 139، 159ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ دىلودىن 30ى بار بولۇپ، مۇھىم دىلوغا چېتىلغىنى 7 ئادەم، قايتۇرۇۋېلىنغان ئىقتىسادىي زىيان 16مىليون 45مىڭ 500يۈەن ئىكەن. ئاپتۇنۇم رايونلۇق سودا سانائەت ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنجۇن(مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىش دىلوسى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق پارتىكومنىڭ سابىق شۇجىسى جوۋ بىنۋېن(مۇئاۋېن نازىر دەرىجىلىك) نىڭ پارا ئېلىشقا چېتىلىش دىلوسى قاتارلىق جەمئىيەتتە ئىنكاس قوزغىغان ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دىلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  ئېگىلىنىشىچە، 24- ئىيۇندىن 30- ئىيۇنغىچە بولغان «پاش قىلىش تەشۋىقات ھەپتىلىكى» مەزگىلىدە، كەڭ ئامما تېلىفون ئارقىلىق پاش قىلىش، خەت ئارقىلىق پاش قىلىش، يۈزتۇرانە پاش قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە تەپتىش مەھكىمىلىرىنى ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دىلو يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىسە بولىدىكەن.

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە