باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگولۇق تاغقا چىققۇچىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە ئىنكاس بىلدۈردى

2013.06.25 09:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىلار ئىشخانىسى تۈنۈگۈن جۇڭگولۇق تاغقا چىققۇچىلارنىڭ پاكىستان كونتىروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ جەنۇبىي گاپاربات چوققىسىدىكى بارگاھىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ «بىز بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ھۇجۇمى ۋەقەسىدىن قاتتىق چۆچىدۇق، بۇ ۋەقەنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز» دېدى.

  پاكىستان ساقچىلىرى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: پاكىستان كونتىروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ جەنۇبىي گاپاربات چوققىسىدىكى بارگاھتا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۇكرائىنا، جۇڭگو ۋە رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان 11 ئادەم قازا قىلدى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئېلىمىزنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى باشلىدى، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىمىز پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمدە ئارمىيە دائىرىلىرى بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىقلىدى، ھەمدە پاكىستان دائىرلىرىدىن ئامان قالغانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشقا ماسلىشىپ، قاتىلنى تېزدىن قولغا ئېلىش ۋە قاتتىق جازالاش، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو تاغقا چىقىش ئەترىتىدىن بىر كىشى ئامان قالغان، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىمىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان ھەمدە پاكىستان ئارمىيە دائىرلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ئادەم ئەۋەتىشىگە جىددىي ھەمكارلاشقان.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىمىز بۇ ئىشنى داۋاملىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھايات قالغۇچىنى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىش ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە