باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىتالىيىنىڭ سابىق زۇڭلىسى بېرلۇسكۇنىيغا جىنسىي سەتچىلىك سەۋەبىدىن 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

2013.06.25 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىتالىيەنىڭ مىلاندىكى بىر سوت 24-ئىيۇن ئىتالىيىنىڭ سابىق زۇڭلىسى بېرلۇسكۇنىينى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى، ھەمدە جامائەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۆمۈرۋايەت چەكلىدى. ئۇنىڭ جىنايىتى قورامىغا يەتمىگەن پاھىشە بىلەن جىنسىي سودا قىلىش ۋە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قىلمىشىنى يېپىش ئىكەن.

  بۇ جىنسىي سەتچىلىك دىلوسى ئىككى يىلدىن ئارتۇق سوت قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھۆكۈمگە بېرلۇسكۇنىي ئېنىق جاۋاپ قايتۇرۇپ ئۆزىنى گۇناھسىز دېدى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى بۇ ھۆكۈمنى پۈتۈنلەي «لوگىكىغا زىت» دېدى ۋە داۋاملىق ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىتالىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچ چوڭ سىياسىي پارتىيەنىڭ بىرى بولغان ئەركىن خەلق پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى ئالفانومۇ بۇ ھۆكۈمگە قاتتىق نارازلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئەركىن خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بېرلۇسكۇنىيغا مەدەت بەردى.

  ئىتالىيە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېرلۇسكۇنىي ئەينى چاغدا ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ماراكەشلىك قىز «رۇبى» بىلەن بولغان كۆپ قېتىم جىنسىي سودىغا چېتىشلىق ئىكەن. «رۇبى» ئوغرىلىق قىلىپ مىلان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن، بېرلۇسكۇنىي مىلان ساقچى تەرەپنىڭ مەسئۇلىغا تېلىفون قىلىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مىلان سوتى بۇيىل يىل بېشىدا بېرلۇسكۇنىينىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئىتالىيە چوڭ سايلىمىدىن بۇرۇن سوت ئېچىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش تەلىۋىنى رەت قىلدى.

  بېرلۇسكۇنىي 1994-يىلى سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغاندىن تارتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن زۇڭلى ھېسابلاندى. سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغان مەزگىلدە ئىلگىرى-كېيىن كۆپ قېتىم جىنايى ئىشلار ۋە ھەق تەلەپ ئەيىپلەشلىرىگە ئۇچرىغان. جامائەت بۇ ھۆكۈمگە ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ ھۆكۈم ئاجىزلاشقا يۈزلەنگەن ئىتالىيە سىياسىي ۋەزىيىتىگە زەربە بولىدۇ دەپ قارىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە