باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇنغا خىلاپ نۇرغۇن رېتسېپلىق دورا ئېلانلىرى ئاشكارىلاندى

2013.06.25 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا بىرلىكتە دوكلات ئېلان قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ ئون دورا، داۋالاش ئەسۋابلىرى، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئېلانىنى ئاشكارىلىدى. بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان قانۇنغا خىلاپ ئېلانلارنىڭ نۇرغۇنى رېتسېپلىق دورا ئېلانلىرى ئىكەن، مەسىلەن: بېيجىڭ يۈشىڭتاڭ گۇرۇھى شىجياجۇاڭ دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ بۆرەك قۇۋۋەتلەش كۇمىلىچى، جىلىن ئۆلكىسى فۇسۇڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خولىيۈەن سۇيۇق دورىسى، جىلىن تيەنچياڭ دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىپار قۇۋۋەت كۇمىلىچى، خۇبېي ۋېيشى بىيو دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇبىڭ گىلىتسىن كاپسۇلى، لياۋنىڭ تيەنچېڭ دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېرىق پۇرچاق، چۈچۈكبۇيا تابلېتى رېتسېپلىق دورىلار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە