- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېكۋاتورنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىنودىڭنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى ھەققىدە مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى
2013.06.25 16:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە تاراتقۇسىنىڭ ئېكۋاتور تاراتقۇلىرىنىڭ 24-ئىيۇندىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىكادو پاتىنو 24-ئىيۇن ئىدۋارد سىنودىڭنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىشى ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
پاتىنو ھازىر ۋېيتنامدا زىيارەتتە بولماقتا، ئۇ تاراتقۇلار بىلەن 24-ئىيۇن سائەت 19دا ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدىكى بىر مېھمانسارايدا كۆرۈشۈشنى بېكىتتى. پاتىنو بۇندىن ئىلگىرى سىنودىڭنىڭ ئىلتىماسى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا قاراپ چىقىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىلتىماسلارنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق دېگەن ئىدى.
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكۋاتور ئۆتكەن يىلى بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي پاناھلىقىغا ئېرىشكەن جۇلىئان ئاساڭچى ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش شەكلى ئارقىلىق سىنودىڭنىڭ ئىلتىماسىنى تەتقىق قىلماقچى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە