باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا تور ھۇجۇمى قىلغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا

2013.06.25 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، يېقىندا ئاشكارىلانغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگوغا تور ھۇجۇمى قىلغانلىق ۋەقەسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەلۇم مۇخبىر «تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى جۇڭگو تېلېگراف تىجارىتى شىركىتى ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تور ھۇجۇمى قىپتۇ، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: بىز يېقىندا ئاشكارىلانغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگوغا تور ھۇجۇمى قىلغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز، بۇ جۇڭگونىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. بىز بۇ ئىش ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

  ئۇ مۇنداق دېدى: شۇنى قايتا تەكىتلەيمەنكى، جۇڭگو ھەر قانداق شەكىلدىكى تور ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، تور بوشلۇقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى تەڭ قوغداشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە