باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو رۇسىيەدىن ئۇزاق مۇددەتلىك خام نېفىت كۆپەيتىپ سېتىۋېلىش توختىمى ئىمزالىدى

2013.06.25 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ ئېلىمىزگە چىقىرىدىغان خام نېفىت تەمىناتىنى كۆپەيتىش ئۇزاق مۇددەتلىك سودا توختىمىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى. ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان بۇ ئەڭ چوڭ يەككە خام نېفىت سودىسى توختىمىغا ئاساسەن، كەلگۈسىدە جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان خام نېفىت مىقدارى ھەر يىلى 46 مىليون 100 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئېلىمىزنىڭ بۇلتۇرقى نېفىت ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئوندىن بىرىغا يېقىنلىشىدۇ. بۇ توختامغا ئاساسەن، رۇسىيە ھازىرقى جۇڭگو-رۇسىيە خام نېفىت تۇربىسى شەرقىي لىنىيەسىنىڭ يىلىغا 15 مىليون توننا نېفىت يەتكۈزۈش مىقدارى ئاساسىدا، ئېلىمىزنى خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى يىلمۇ-يىل كۆپەيتىپ، 2018-يىلىغىچە يىلىغا 30 مىليون توننىغا يەتكۈزىدۇ، كۆپەيتىپ تەمىنلەش توختىمىنىڭ مۇددىتى 25 يىل بولىدۇ، يەنە بەش يىل ئۇزارتىلسا بولىدۇ. جۇڭگو-قازاقىستان خام نېفىت تۇربىسى يەنى غەربىي لىنىيە ئارقىلىق 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يىلىغا يەتتە مىليون توننا نېفىت كۆپەيتىپ تەمىنلەيدۇ، توختام مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، يەنە بەش يىل ئۇزارتىلسا بولىدۇ. رۇسىيە يەنە جۇڭگو-رۇسىيە شېرىكچىلىكىدىكى تيەنجىن نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ زاۋۇتنى يىلىغا توققۇز مىليون 100 مىڭ توننا خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە