- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا شياڭگاڭنىڭ سىنودىڭنىڭ چېگرىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى
2013.06.25 16:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا دەۋر ژۇرنىلىنىڭ 23-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق ياللانما خادىمى ئىدۋارد سىنودىڭ 23-ئىيۇن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىياڭگاڭدىن ئايرىلىپ، موسكۋاغا يۈرۈپ كەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىق ھۆكۈمىتىنىڭ سىنودىڭنىڭ چېگرىدىن ئايرىلىشىغا يول قويغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 23-ئىيۇن كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سىنودىڭنىڭ چېگرىدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇش ھەققىدىكى قارارىغا قوشۇلمايدۇ، شىياڭگاڭ دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىنودىڭنى قولغا ئېلىشىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىدۇ.
شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت 23-ئىيۇن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دائىرىلىرى تاپشۇرغان سىنودىڭنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىلتىماسى تولۇق ئەمەس، يېتەرلىك ماتېرىياللار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قانۇنغا ئاساسەن سىنودىڭنىڭ چېگرىدىن ئايرىلىشىنى چەكلىيەلمەيمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە