باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېرىكلىكتىن ئىبارەت يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك

2013.06.25 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  70 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئاپپاراتلىرى قاتناشقان خەلقئارا خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى تۈنۈگۈن جىنەن شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چېرىكلىك ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك، مۈشكۈل ۋەزىپە، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جۇڭگو تېخىمۇ ئىجابىي، ئوچۇق-يورۇق، ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە بىلەن، خەلقئارانىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چېرىكلىكتىن ئىبارەت يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى قەتئىي يوقىتىدۇ.

  مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چېرىكلىك سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزمەكتە. جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، بايرىقى روشەن ھالدا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇپ كەلگەن، ھازىر جۇڭگوچە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش يولىدا مېڭىۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش فاڭجېنىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن چېرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ھوقۇقنى تىرىشىپ تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، ئەمەلدارلار پاك بولۇش، ھۆكۈمەت پاك بولۇش، سىياسىيدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مېڭ جيەنجۇ يىغىندا مۇنداق ئۈچ تەكلىپنى بەردى: بىرىنچى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرەيلى؛ ئىككىنچى، ئۆزئارا قوللاپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولايلى؛ ئۈچۈنچى، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى بىرلىكتە ئۆستۈرەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە