باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىنو چولپىنى ئانجىلىنا جۇلى قوراللىق توقۇنۇشتىكى جىنسىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى چەكلەشنى مۇراجەت قىلدى

2013.06.25 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 24- ئىيۇن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى كىنو چولپىنى ئانجىلىنا جۇلى ب د ت نىڭ نيو يوركتىكى باش شتابىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاياللار، تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاشكارە مۇنازىرىسىگە قاتنىشىپ، خەلقئارا جەمىيەتنى قوراللىق توقۇنۇشتىكى جىنسىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى تىرىشىپ چەكلەشنى مۇراجەت قىلدى.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى قارار ماقۇللاپ، قوراللىق توقۇنۇشتىكى جىنسىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ خەلقئارا تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك قوغداش تەدبىرلىرى ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرىگە ئاياللارنى قاتناشتۇرۇشنى مۇراجەت قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە