باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگولۇق ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ خىيالى گانانى ئويلاندۇردى(1)

2013.06.25 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەربىي ئافرىقا دۆلىتى گانادا يېقىندا قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، جۇڭگولۇق پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتكە چېتىلىدىغان قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلار قولغا ئېلىنىپ، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ناھايىتى دىققىتىنى قوزغىدى. 13-ئىيۇنغىچە جۇڭگولۇق قانۇنسىز ئالتۇن قازغان 169 ئادەمنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلىپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەندىن كېيىن تۈركۈمگە بۆلۈپ جۇڭگوغا قايتۇرۇلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە قانۇنسىز ئالتۇن قازغانلارنى قولغا ئېلىش جۇڭگو بىلەن گانانىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن پەيدا بولغان مەسىلىنى ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ. چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇن بەلگىلىمىسىنى چۈشىنىش ۋە رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.

  گانا قانۇنىدا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: بۇ دۆلەتتىكى كىچىك تىپتىكى ئالتۇن كانلىرىنى قېزىش ھوقۇقى 18 ياشقا توشقان گانالىق پۇقرالارغا بېرىلىدۇ، چەتئەللىكلەر كىچىك تىپتىكى ئالتۇن قازسا بولمايدۇ. 14-ماي، گانا زۇڭتۇڭى ماخما قانۇنسىز ئالتۇن كان قېزىشقا زەربە بېرىش بويىچە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، زەربە بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ گانادا قانۇنسىز ئالتۇن قازغان بارلىق گانالىق ۋە چەتئەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گانانىڭ قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتىگە داۋاملىق زەربە بېرىشىدىكى ئەڭ قاتتىق بىر قېتىملىقى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستكىسىغا قارىغاندا، جۇڭگولۇق قانۇنسىز ئالتۇن قازغان 169 ئادەم قاماپ قويۇلغان.

  گانا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنداق تەدبىر قوللىنىشتىن مەقسەت قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى يەرلىككە بەزى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلدى، بىرىنچىدىن، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىدى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. قانۇنسىز ئالتۇق قېزىش شەكلى يىرىك بولۇپ نۇرغۇن كان قۇدۇقلىرى تىندۇرۇلماي، كاندىكى مەينەت سۇلار بىۋاسىتە دەريا ئېقىنلارغا قويۇپ بېرىلىپ مۇھىت بۇلغاندى ھەمدە تېرىلغۇ يەر تۇپرىقىنى ئېقىتىپ كەتتى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە