باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنخۇي ئۆلكىسى «مەمۇرلۇق ئىمتىھانى»دىكى بارلىق نومۇر قوشۇپ بېرىش ئېتىبارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇناسىۋەت ئارقىلىق خىزمەتكە قوبۇل قىلىشنى توستى

2013.06.25 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسى ئىزچىل ھالدا مەزكۇر ئۆلكىنىڭ مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا ئېتىبار نومۇرى قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ كەلدى، نومۇر قوشۇلىدىغانلارنىڭ دائىرىسىنى تارايتىپ، بۇ يىلغا كەلگەندە بارلىق نومۇر قوشۇپ بېرىشقا تېگىشلىك ئالاھىدە توپقا نومۇر قوشۇپ بېرىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئاساسەن ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالاھىدە خىزمەت ئورنىدىن باشقا، ھەرقانداق قوبۇل قىلغۇچى ئىدارىنىڭ سالاھىيەت، جىنس، ئوقۇش تارىخىنىڭ خاراكتېرى، بەدەن سۈپىتى، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ئالاھىدىلىكى قاتارلىق خىزمەت ئورنى تەلىپىگە مۇناسىۋەتسىز چەكلىمە خاراكتېرلىك شەرتلەرنى تەسىس قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ، «مۇناسىۋەت ئارقىلىق خىزمەتكە قوبۇل قىلىش»نى توستى.

  21-ئىيۇندىن 24-ئىيۇنغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ 2013-يىللىق مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى يۈز تۇرانە ئىمتىھان باسقۇچىغا كىردى، يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۈتۈن ئۆلكە بويىچە بىرتۇتاش تەشكىللىنىپ، ئۆلكە ۋە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا ئېلىپ بېرىلدى، بۇنىڭغا جەمئىي 18 مىڭ 900 نەچچە نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچى قاتناشتى. يۈز تۇرانە ئىمتىھان تۈگىگەندىن كېيىن، بەدەن تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەستىقلاش قاتارلىق باسقۇچلارغا كىرىدۇ. پىلان بويىچە، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلىشىدۇ.

  ئىگىلىشىمىزچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىن 6850 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان، قوبۇل قىلش جەريانىدا ئېتىبار نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى ھەمدە خىزمەت ئورنىغا مۇناسىۋەتسىز چەكلىمە خاراكتېرلىك شەرتلەرنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرغان،

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە