شىنخۇا تورىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن مەخسۇس تەنتەربىيە خەۋىرى: 24-چېسلا كەچ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، دۆلەتلىك پۇتبولچىلارنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋە دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ تايلاند كوماندىسى بىلەن بولغان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە 1:5 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاشكارا كەچۈرۈم سوراش خېتى ئېلان قىلدى، خەتتە بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە مەغلۇب بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى يەكۈنلەندى ۋە كەچۈرۈم سورالدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگۈسىدىكى خىزمەتكە قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈلدى.
ئۈچ پارچە كەچۈرۈم سوراش خېتىدە بىردەك بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە مەغلۇب بولۇش «نورمالسىزلىق، قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ ۋە كەچۈرگىلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن، نەق مەيداندىكى يېتەكچىلىك، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق تېخنىكىلىق |جەڭ ماھارىتى جەھەتتە يېتەرسىزلىكلەر بولغاندىن سىرت، مەيداندىكى كوماندا ئەزالىرى ئىدىيە جەھەتتە بىپەرۋا بولۇپ، روھىي ھالىتى، جان تىكىپ ئېلىشىش ئىستىلى ۋە شەرەپ تۇيغۇسى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مەسىلىلەر مەۋجۇت بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كوماندىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى يېتەرسىزلىك ۋە كەمچىلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ، دۆلەت كوماندىسىغا ئەزا قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى ئاشكارىلانغان.