باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %12 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 1.1 پوئىنتىدىن يۇقىرى بولدى

2013.06.25 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلنىڭ ئالدىنقى 5 ئېيىدا شىنجاڭنىڭ تاشقىي سودىسى ئۇدا ئۆسۈشنى ساقلىغان. ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 9مىليارد 30مىليونغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش نىسبىتى % 12بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش سۈرىتىدىن 1.1 پوئىنىت ئاشقان.

  بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت 7مىليارد 850مىليون دوللار بولۇپ، % 37ئاشقان؛ ئىمپورت 1مىليارد 180مىليون دوللار بولۇپ،% 49.4 تۆۋەنلىگەن، سودا ئاكتىپ بالانىسى 6مىليارد 670مىليون دوللار بولغان.

  ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىستاتىستىكا باشقارمىسىدىن چېن گولياڭنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، سودا توسۇقى ۋە خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبلىك، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكسپورت سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرئاز تۆۋەنلىگەن، بىراق ئۈزلۈكسىز ئېچىلىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلار شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى ئېشىشىنىڭ يېڭى يارقىن نوقتىسى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە مالايسىيا، ھىندىستان، ھىندونوزىيە قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان ئېكسپورت سودىسى ناھايىتى جانلانغان، سودا قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 220 مىليون، 210مىليون، 150 مىليون دوللار بولۇپ، 3ھەسسە، 3.7ھەسسە، 3.6ھەسسە ئاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە