- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونىمىزدا خەتەرلىكلىك دەرىجىسى يۇقىرى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ
2013.06.25 16:31 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە سىستېمىسىنىڭ تەنتەربىيە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى 17-ئىيۇندىن 19-ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى . كۇرستا ‹‹تىجارەت تۈرىدىكى خەتەرلىكلىك دەرىجىسى يۇقىرى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش ›› قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان سىياسەت ، قانۇن-نىزاملار يەنىمۇ نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىلدى .بۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ خەتەرلىكلىك دەرىجىسى يۇقىرى تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە بولغان قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
بۇ يىلنىڭ دەسلىپىدە ، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ‹‹تىجارەت تۈرىدىكى خەتەرلىكلىك دەرىجىسى يۇقىرى تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە ئىجازەت بېرىش ، باشقۇرۇش چارىسى ››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى ھەمدە 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشنى باشلىدى . شۇ كۈنى دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ، دۆلەتلىك سۈپەتنى نازارەت قىلىش ، تەكشۈرۈش ، كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى ، دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە 16-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ ، سۇ ئۈزۈش ، ئېگىز تاغلاردا قار تېيىلىش ، ئەركىن قار تېيىلىش ، تاق تاختىدا قار تېيىلىش ، غەۋۋاسلىق ، قىياغا يامىشىش قاتارلىق ئالتە تۈرنى بىرىنچى تۈركۈمدىكى خەتەرلىكلىك دەرىجىسى يۇقىرى تەنھەرىكەت تۈرلىرى قىلىپ بېكىتتى . بۇنىڭ ئىچىدە ، سۇ ئۈزۈش مەخسۇس سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى ، سۇ ئۈزۈش سارىيى قاتارلىق سۈنئىي سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلغان سۇ ئۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ ، باشقا جايلاردىكى سۇ ئۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە