باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا تالىبان بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىنى كېچىكتۈردى، تالىبان ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشنى يەنە تىلغا ئالدى(1)

2013.06.25 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇن ئامېرىكا ئەمەلدارى 20-ئىيۇن ئەسلىدە شۇ كۈنى قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھەدە تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان سۆھبىتىنىڭ بىر قانچە كۈن كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر ئانالىز قىلىپ، سۆھبەتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىباننىڭ دەۋھەدە تەسىس قىلغان ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ ئورنىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن بولغان دېدى.

  بەزى تاراتقۇلار مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: پاكىستان ئارمىيە دائىرىلىرى تالىباننىڭ سىرت بىلەن سۆھبەت باشلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى جېن پۇساجى تالىبان بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ قىسقا مۇددەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: سۆھبەت بۇندىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ۋەكىلى جامۇس دوبىڭس سۆھبەتكە قاتنىشىشقا ھەر ۋاقىت تەييارلىنىپ بولدى، دېدى.

  ئەمما، پۇساجى: سۆھبەتنىڭ كونكرېت تەشكىلاتى ھەققىدە بىر نېمە دېيەلمەيمەن دېدى.

  بىر خەۋەردار ئەرباب دەۋھەدە مۇخبىرلارغا: مېنىڭچە سۆھبەتنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى تېخى بېكىتىلمىدى دېدى. نۇرغۇن ئامېرىكا ئەمەلدارى 18-ئىيۇن تالىبان بىلەن دەۋھەدە سۆھبەتلىشىشنى جەزملەشتۈردى، بۇ سىرتتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى، ئۇلار داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئافغانىستان ۋەزىيىتى سۆھبەت ئارقىلىق پەسىيىشى مۇمكىن دەپ جەزمىلەشتۈردى.

  ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 19-ئىيۇن كەينى كەينىدىن ئىككى بايانات ئېلان قىلىپ، دەۋھە سۆھبىتىنى توسۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمى ھەققىدىكى سۆھبەتنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 20-ئىيۇن سۆھبەتكە قاتنىشىشتا تالىبان دەۋھەدىكى ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ بايرىقى ۋە بەلگىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى شەرت، ئامېرىكا خەمىد كارزاىي ھاكىمىيتىنى قوللاشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك دېدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كىررىي ئۇدا ئىككى كۈن ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزايى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئافغانىستان دائىرىلىرىنى مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، سۆھبەتكە قاتنىشىشقا ۋەكىل ئەۋەتىشكە دەۋەت قىلغان.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە