باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

چېخنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى كابىنېت تەشكىللىگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ كىرىزىسكە دۇچ كەلدى(1)

2013.06.25 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېخ ساقچى دائىرىلىرى 12-ئىيۇن كەچ ۋە 13-ئىيۇن كۈنى باش مىنىستىر ئىشخانىسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، پراگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە بىر قىسىم شەخسىي تۇرالغۇلارنى چوڭ كۆلەمدە تۇيۇقسىز ئاختۇردى، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىدىن نەچچىنى قولغا ئېلىپ، سىياسىي سەھنىسىنى زىلزىلىگە سالدى. ئاساسلىق ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى باش مىنىستىر نېكاسنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، چېخنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى كابىنېت تەشكىللىگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ كىرىزىسكە دۇچ كەلدى.

  يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: چېخنىڭ سابىق يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرى فۇكسا، باش مىنىستىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ناگيوۋا، ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كوۋاندا شۇنداقلا دۆلەت زاپاس ماددىي ئەشيالىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پارېنىك قاتارلىق سەككىز كىشى قولغا ئېلىنغان. بۇ چېخ تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىش ئىدارىسىنىڭ دۆلەت تارىخىدا قوزغىغان ئەڭ چوڭ كۆلەملىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ، ئىشتىن ئاۋۋال باش مىنىستىرمۇ، پارلامېنتمۇ خەۋەر تاپمىغان.

  چېخ باش مىنىستىرى نېكاس مۇنداق دېدى: ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكەت توغرىسىدا تېزدىن چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ساقچى دائىرىلىرى ئۇزۇن مەزگىل جىم تۇرىۋالسا تاراتقۇلارنىڭ قالايمىقان بىلجىرلاپ، يالغان ۋە ئىسپاتلانمىغان خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نېكاس ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئىستىپا بەرمەيمەن، چۈنكى مەن بىلەن خىزمەتداشلىرىم ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىدۇق، قولغا ئېلىنغان خىزمەتداشلىرىمغا تولۇق ئىشەنچىم بار.

  بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان ئەمەلدارلاردىن كۆپىنچىسىنىڭ نېكاس بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار. ناگيوۋا 2006-يىلى نېكاس چېخ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى بولغاندا ئۇنىڭ ئىشخانا مۇدىرى بولغان، بېكاس باش مىنىستىرلىققا سايلانغاندا باش مىنىستىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، نېكاسنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى دەپ قارالغان. سابىق يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرى فۇكسا ۋە سابىق پارلامېنت ئەزاسى دېلخور نېكاس بىلەن ئوخشاش پۇقرالار دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى، ئۇلار ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا نېكاسنىڭ مالىيەنى قىسىش سىياسىتىگە ئاشكارا قارشى تۇرغان، بىراق كەينىدىن نېكاس بىلەن مۇرەسسەلەشكەن ۋە پارلامېنت ئەزالىق ئورنىدىن ئىستىپا بېرىپ، كىرىمى مول دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا نازارەتچىلىك ئورنىغا چىققان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە