باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

چېخنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى كابىنېت تەشكىللىگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ كىرىزىسكە دۇچ كەلدى(2)

2013.06.25 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېخ سىياسىي سەھنىسىنىڭ چىرىكلىكى ھەققىدىكى سۆز-چۆچەك تارقىتىلىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولدى. پولشا «مۇنبەر گېزىتى»نىڭ مەخسۇس يازغۇچىسى پىتېر كاجىنوۋىسكى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: چېخ سىياسىي سەھنىسىنىڭ چىرىكلىك دەرىجىسى ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادا باش ئورۇندا تۇرىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چېخ تۈزەش كۈچىنى ئاشۇردى، بىراق چىرىكلىك جەريانىدىكى سىياسىي تۈسى سۇسلىدى، ئالاقىدار ئورۇنلار پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. لېكىن چېخ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، باش مىنىستىر نېكاسقا نەيزىدەك سانجىلدى، بۇنىڭ ئارقىسىدا چوڭقۇر سىياسىي سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

  نېكاس ھۆكۈمىتى 2010-يىلى ھوقۇق تۇتقاندىن بۇيان كىرىزىس ئىزچىل ئۈزۈلمىدى. باش مىنىستىر نېكاس باشچىلىقىدىكى ئۈچ پارتىيە ھاكىمىيەت بىرلەشمىسى پارلامېنتتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىيەلمىدى، ئىچكى زىددىيەت ئۈزۈلمىدى، ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە ئىچكى زىددىيەت تۈپەيلى كۆپ قېتىم تەختتىن چۈشۈش گىردابىغا دۇچ كەلدى. ئۇندىن باشقا، نېكاسنىڭ كۈچەپ يۈرگۈزگەن مالىيەنى قىسىش سىياسىتى بىلەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى چېخ پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالالماي، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەنى قوللاش نىسبىتى ئۇزۇن مەزگىل جەمئىيەت دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ ئارقىدا قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇرۇن چېخ سولچىلار ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىل جەمئىيەت دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولغان ھازىرقى پىرېزىدېنت زېمان ھازىرقى ھۆكۈمەت يولغا قويۇۋاتقان مالىيەنى قىسىش سىياسىتى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئىزچىل قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ چېخنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىنى تەشەببۇس قىلغاچقا باش مىنىستىر نېكاس بىلەن بولغان ئىختىلاپى كېڭىيىپ كەتكەن.

  چېخ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى دۆلەتنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلدى. ئىككى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە جەمئىيەت دېموكراتىك پارتىيەسى بىلەن چېخ ھېمولاۋېيا كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13-ئىيۇن نېكاسنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى ۋە ئالدىن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشنى ئاشكارا تەلەپ قىلدى. جەمئىيەت دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سوبوتكا شۇ كۈنىمۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، چېختا باش مىنىستىر بىلەن بۇنداق قويۇق مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ باقمىغان ئىدى، بۇ چېخ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سەتچىلىك. ئۇ باشقا پارتىيەلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، پارلامېنتتا نېكاس ھۆكۈمىتىنى بىرلىشىپ ئاغدۇرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېخنىڭ سىياسىي كۆزەتكۈچىسى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، چوڭ سايلام ئالدىن ئۆتكۈزۈلۈپ قالسا، نېكاس ھۆكۈمىتىنىڭ تەختتىن چۈشىدىغان تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلمىقى تەس بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە