باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بۆرتالا شەھىرىدە ئۈچ ئوقۇغۇچى سۇئامبىرىدا سۇ ئۈزۈۋېتىپ ئۇلاردىن ئىككىسى تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن

2013.06.25 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- ئىيۇن 17دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ بۆرتالا شەھىرى 1- ماي سۇ ئامبىرىدا ئۈچ نەپەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سۇ ئۈزۈۋېتىپ، ئۇلاردىن ئىككىسى بەختكە قارشى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن.

  بۆرتالا شەھەر ئاھالىسى لىن خوڭمېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەن شۇ كۈنى سائەت 17دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرەتتىم، تۇيۇقسىز سۇ ئامبىرىدا بىر ئادەمنىڭ تىپىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال 110غا مەلۇم قىلدىم ۋە ئۇ يەرگە يۈگرەپ باردىم. شۇ ۋاقىتتا، ئامبار چارلىغۇچىسىمۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كېلىپ، كالتەك ۋە ئارغامچىنى تىركىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىغا تاشلاپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىنى قۇتۇلدۇرىۋېلىپ ئۇنىڭدىن يەنە ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭمۇ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۇق.

  بۆرتالا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترەت باشلىقى شۇ جىنئەن تېلفوندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سائەت17دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، بىز سۇ ئامبىرىغا يېتىپ بارساق سۇدا ئادەم يوقكەن. 10 مىنۇتلاردىن كېيىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يەنە بىر ئوقۇغۇچى سۈزۈپ چىقىلدى . دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق سۇدا ئۇزۇن تۇنجۇقۇپ كەتكەنلىكتىن ھاياتلىق ئالامىتى يوق دەپ مۇقۇملاشتۇردى. يەنە قىرىق مىنۇتتىن كېيىن، يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ جەسىدى سۈزۈپ چىقىلدى.

  ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى بۆرتالا شەھەرلىك مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، شۇ كۈنى مەۋسۈملۈك ئىمتىھانىنى تۈگۈتۈپ سۇ ئامبىرىغا بېرىپ سۇ ئۈزگەن. قۇتقۇزۇپ چىقىلغان ئوقۇغۇچى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى بىلەن ھايات قالدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە