باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى 26-ئىيۇن يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ

2013.06.26 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پىلاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، خاسىيەتلىك كېمە 10-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى 26-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دە يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، قايتىش بۆلمىسى يەر يۈزىگە چۈشكەندىن كېيىن، ئېلىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىدىن بىرقانچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىك ئۇچار ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى قۇتقۇزۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، قوماندان تۇنجى بولۇپ بۆلمىدىن چىقىدۇ.

  ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قايتىش بۆلمىسى ئىچىدە دەسلەپكى قەدەمدە تېببىي تەكشۈرۈلىدۇ ۋە جەزملەشتۈرۈلىدۇ. يەر يۈزىدىكى خادىملار يەنە قايتىش بۆلمىسىدىكى گاز، مىكرو بىيو ماددىلار قاتارلىقلاردىن ئەۋرىشكە ئالىدۇ ھەمدە بەزى مەھسۇلاتلارنى يىغىۋالىدۇ. ئالەم ئاچقۇچلىرى تىك ئۇچارغا كىرگەندىن كېيىن، بېسىملىق كىيىمنى سېلىۋېتىپ، يەر يۈزى خىزمەت كىيىمىنى كىيىدۇ، خىزمەتچى خادىملار ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تەكشۈرىدۇ ۋە شۆلگەي قاتارلىقلاردىن ئەۋرىشكە ئالىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مەخسۇس تېببىي كۆزىتىش تىك ئۇچارىدا تۇنجى ۋاق تاماق يەيدۇ، ئاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئايرودورۇمغا ئېلىپ بېرىپ، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە