- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«جوۋ ئېنلەينىڭ تۆت كېچە-كۈندۈزى» ناملىق كىنو ئالقىشقا ئېرىشتى
2013.06.26 16:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن خۇاشيا كىنوچىلىق شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن «جوۋ ئېنلەينىڭ تۆت كېچە-كۈندۈزى» ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئېلىش تاماملاندى. يېقىندا بۇ كىنو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خېبېيدىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىن ۋۇئەن، شېشيەن ناھىيەسى، شىبەيپو ۋە شىجياجۇاڭ بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق جايلاردا سەييارە قويۇلۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ئامما، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، كىنو مەيدانى تاماشىبىنلارغا لىق تولدى. (شياڭ بىن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە