باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز زېمىن باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ

2013.06.26 13:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز زېمىن باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش، تېرىلغۇ بايلىقىنى قوغداش، يەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سانائەتلەشتۈرۈش،ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. زېمىن بايلىقى مىنىستىرى، دۆلەت زېمىنى باش نازارەتچىسى جياڭ دامىڭ 24-ئىيۇن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭدا ئېچىلغان شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ يەر باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يەر باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشتا، ئىسلاھاتنىڭ ئورنى ۋە ئاساسىي لىنىيىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئىسلاھات پرىنسىپى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادچىل تېجەشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشتا بۇرۇلۇش ياساش ئارقىلىق شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، يەرنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈنۈملۈك بوشلۇق مەدىتى ۋە سىجىل بايلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بايلىققا كاپالەتلىك قىلىش نوپۇس بايلىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدە دۆلەت ئەھۋالى تەلىپىگە ماسلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشنى ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش چېكىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەر مىقدارى، سۈپىتى، شارائىتىنى تەڭ قوغداپ، شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك. ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ئۆزى باشتىن ئاخىر ھوقۇقنى قوغداش، ئاممىنى رازى قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يەردىن پايدىلىنىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، يەرنىڭ پايدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  مۇئاۋىن زېمىن بايلىقى مىنىستىرى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يەر باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىيۈەن ئەھۋال تونۇشتۇرغاندا مۇنداق دېدى: يەر باشقۇرۇش تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ۋە يادرولۇق تۈزۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ بىرى. زور مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە چېتىشلىق چوڭ ئىش ۋە قىيىن ئىش. ھازىر يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەتقىقات گۇرۇپپىسى يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا يەتتە جەھەتتە 27 ماددىلىق ئىسلاھات سىياسىتى تەكلىپىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە