- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا قۇرۇلۇش لېفىتى 10-قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىپ 4ئىشچى ئۆلۈپ بىر ئىشچى ئېغىر يارلاندى
2013.06.26 13:33 مەنبە: خەلق تورى
سۈرەتتە: ئادەملىك لېفىت چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بىنا. (سۈرەتنى ۋېي شياڭدوڭ تارتقان.)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:23-ئىيۇن سائەت 16لەر ئەتراپىدا، شىنجاڭ ئۈرۈمچى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا، بىر قۇرۇلۇش لېفىتى يۇقىرى بوشلۇقتىن چۈشۈپ كېتىپ، لېفىت ئىچىدىكى بەش ئىشچىدىن بىرىلا ھايات قالغان. 23-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى بىرلىكتە ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندا ئاچقان نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى سائەت 16دىن 9 مىنۇتلار ئۆتكەندە، بۇ بەش ئىشچى ۋەقە يۈز بەرگەن قۇرۇلۇش لېفىتىغا ئولتۇرۇپ 17-قەۋەتكە چىقىپ ئىشلىمەكچى بولغان، لېفىت 10-قەۋەتكە كەلگەندە تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە