باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت بۇلغاش جىنايىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك

2013.06.25 17:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا ‹‹مۇھىت بۇلغاش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىرتەرەپ قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدا ئىزاھات››نى تارقىتىپ، مۇھىت بۇلغاش جىنايىتىنى بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمى توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى. ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشتە بۇلغىما دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، بىركىشى ئېغىر يارىلانسىلا، جىنايەت بېكىتىشكە بولىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جىنايەت بېكىتىش ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلىپ، مۇھىت بۇلغاش جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ تەننەرخى ئۆستۈرۈلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىت ئاسراش ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئويلاشقاندا، جىنايەت بېكىتىش ئۆلچىمىنى قانۇن ماددىلىرى قاتلىمىدىن تۆۋەنلىتىپ، جىنايەت بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر، لېكىن، مۇھىت ئاسراشتىكى سۆز ھوقۇقى يەنىلا ئاجىزراق بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، قانۇن ماددىلىرى جەھەتتىن قاتتىق قول بولغاندىن باشقا، قانۇننى ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە چەكلەش كۈچىنى زورايتىپ، ئۆلچەمنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇھىت بۇلغاش قىلمىشلىرىنى قانۇن تورىدىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك.

  كىشىلەر مۇھىت بۇلغاش جىنايىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىللە، ئەدلىيە ۋە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، تىپىك مۇھىت بۇلغاش دېلولىرىنى بىرتەرەپ قىلىشتىن تۇتۇش قېلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىپ، قانۇن – قائىدىلەرنى قەغەز يۈزىدىلا ئەمەلىيلەشتۈرمەي، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بەكرەك ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، مۇھىتنى بۇلغاۋاتقانلارنى ھەقىقىي چۆچۈتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە