باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ مەخسۇس يىغىنى چاقىرىلدى

2013.06.26 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈلدى، ئىستىل ياخشىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى تەتقىق قىلىپ مۇزاكىرە قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى توغرىسىدىكى ئەمەلىي تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنى ئالدى بىلەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىدا قانات يايدۇرۇش روھىغا ئاساسەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاشنى چۆرىدەپ، خەلق ئۈچۈن پاك-ئادىل مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، ماركسىزملىق ئاممىۋى قاراش تەربىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتتى؛ مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ ئىزچىللىشىش-ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە يەكۈنلەندى؛ ئىدىيە ئەمەلىيىتى ۋە بۆلۈپ باشقۇرۇلىدىغان يەرلىك تارماق ئورگانلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك جەھەتلەردە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىپ، تەنقىدلەش ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىدلەش قانات يايدۇرۇلدى؛ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى ھەمدە ئالاقىدار تۈزۈم بەلگىلىمىلەر تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە