باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى قاقلىما يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.06.26 13:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى 24-ئىيۇن ئېچىلغان تاماق ئۈستىلىمگە ئۆزۈم ئىگە بولىمەن، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغاندىلا ئاندىن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ نامىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تورت قاتارلىق قاقلىما يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىق ماتېرىياللىرى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ھەممىسى قايماق دەيدۇ، لېكىن تەبىئىي قايماق بىلەن سۈنئىي قايماق بىر ئازمۇ ئوخشىمايدۇ، دېدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سۈنئىي قايماق ئۆسۈملۈك مېيى ھىدرولاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ياسىلىدىكەن، ئەمما تەبىئىي قايماق سۈتتىن ئايرىۋېلىنىدىكەن، سۈنئىي قايماق بىلەن تەبىئىي قايماقنى سېلىشتۇرغاندا، روشەن باھا ئۈستۈنلىكىگە ئىگە، سۈنئىي قايماقنىڭ تەركىبىدە ترانىس ماي كىسلاتاسى ئىنتايىن يۇقىرى ، بەك تاتلىق، سۈنئىي قايماقنىڭ رەڭگى ئاق بولۇپ، ئۆي تېمپىراتۇرىسىدا بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ساغلاملىق دەرىجىسى بىر قەدەر ناچار، ئەلۋەتتە بۇنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن تەبىئىي قايماق بىلەن سېلىشتۇرغاندا كەمچىلىكى بىر قەدەر چوڭ. سۈنئىي قايماق تىرانس ماي كىسلاتاسى پەيدا قىلىدۇ. بۇنى ئادەم بەدىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا بەدەننىڭ فىزولوگىيەلىك ئىقتىدارىغا نۇرغۇن توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئۆسمە، دەم سىقىلىش، زىيادە سېزىم قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار كۆپ ئىستېمال قىلسا، ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق يېتىلىش كۆرسەتكۈچىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئائىت ھەقىقىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتى بار، قاقلىما مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ قايماقنىڭ سۈنئىي قايماق ياكى تەبىئىي قايماق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بەلگە سېلىش مەجبۇرىيىتى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە