- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پۇتىن سىنوۋدىننىڭ ھازىرمۇ موسكىۋا ئايرودۇرۇمىدا ئېكەنلىكىنى ئېيتتى
2013.06.26 16:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن موسكۋادىن بەرگەن خەۋىرى: فىنلاندىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 25-چېسلا مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىنوۋدىن ھازىر موسكۋا شەرەمەتيىۋو ئايرودۇرۇمىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈش رايونىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئۇ ساياھەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيەگە كەلسە ۋىزا ياكى باشقا ماتېرىيال لازىم بولمايدۇ. رۇسىيە ئاخبارات تارماقلىرى سىنوۋدىن بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ ھەم ھەمكارلىشىشىنىمۇ ئويلىمايدۇ، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى ئەيبلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق، شۇنداقلا رۇسىيە-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى يوق، رۇسىيە ئامېرىكىغا ئادەم تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ، لېكىن سىنوۋدىننىڭ موسكىۋا چېگراسىدىن تېزراق ئايرىلىشىنى ، ھەم بۇ ئىشنىڭ رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. (شې ياخۇڭ، جاڭ شاۋدۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: ئامېرىكا شياڭگاڭنىڭ سىنودىڭنىڭ چېگرىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە