باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا رايونلۇق ھۆكۈمەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەتىرى بار 13 ئورۇننى تەكشۈردى

2013.06.26 13:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېرىم يىل بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 6-ئايغىچە شىنجاڭدىكى زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەتىرى بار 13 ئورۇن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋىۋىسكا ئېسىپ تەكشۈرۈلۈپ، چەكلىك مۇددەتتە ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرتىپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەلىپىدە لاياقەتسىز بولغانلىرىنى قانۇن بويىچە تاقاش تەلەپ قىلىندى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگەللىشىچە، زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەتىرى بار بۇ 13 ئورۇن ئاساسلىقى يول قاتناش بىخەتەرلىكى، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىكى، كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يول قاتنىشىدا زور يوشۇرۇن خەتەر بارلىرى 3، ئوت ئاپىتى زور يوشۇرۇن خەتىرى بارلىرى 4، كۆمۈر كان زور يوشۇرۇن خەتىرى بارلىرى 6.

  يول قاتنىشى يوشۇرۇن خەتىرى جەھەتتە قۇمۇل ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى 30g- دۆلەت يولىنىڭ 3096 كىلومېتىردىكى يېرى ۋە 3089 كىلومېتىر يېرىدىكى ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئەمەس ، ماشىنا، پىيادىلەرنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى كېسىپ ئۆتۈش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنمىغان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى 306s-ئۆلكە يولىنىڭ 299 كىلومېتىر 332 مېتىرلىق بۆلىكى يانتۇ بولغاچقا تېز ئەگىلگەندە ئاسان قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىدىكەن.

  ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى جەھەتتە خوتەن شەھىرى ھېيتگاھ بازىرى، خوتەن شەھىرى خەلقئارا چوڭ بازىرى، قەشقەر شەھىرى كەييۈەن بىناكارلىق ماتېرىياللىرى بازىرى، ئىلى قەنت تاماكا ھاراق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىبارەت تۆت ئورۇندا قۇرۇلۇش ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەسلىك، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرى ناچار بولۇش، خالىغانچە ئۆي سېلىش، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش يوللىرىنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى باركەن.

  كۆمۈر كان يوشۇرۇن خەۋپى جەھەتتە لوڭمېي گۇرۇھى ئۈرۈمچى ناھىيەسى تىيەنفا سانائەت سودا شىركىتى شىشەن كۆمۈر كېنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى پىڭدېشىڭ كۆمۈرچىلىك شىركىتىنىڭ كۆمۈر كېنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن ــ كۆكتاغ رايونىدىكى چېنشىڭيۈەن كۆمۈر كېنى، تۇرپان ۋىلايىتى شىنجاڭ توڭتەي كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتى توقسۇن جاۋخېچۈەن كۆمۈر كېنىنىڭ بىرىنچى قۇدۇقى، تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيەسى كۆجەي بوستان يېزىسى بىرلەشمە كۆمۈر كېنىنىڭ 5-قۇدۇقى، قۇمۇل ۋىلايىتى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جۇجيا كۆمۈر كېنىدىن ئىبارەت ئالتە ئورۇندا گاز باشقۇرۇش، ھاۋا ئۆتۈشۈش سىستېمىسى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى باركەن.

  بۇ يىل شىنجاڭنىڭ كارخانا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى قۇرۇلۇش يىلى، ئاپتونوم رايوندا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە قانۇنسىز ھەرىكەتكە زەربە بېرىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە