باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ئاشلىق ماي سېتىۋېلىش دولقۇنىغا كىردى

2013.06.26 13:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ ئاشلىق ماي سېتىۋېلىش ئىشلىرى يۇقىرى دولقۇنغا كىرگەن. ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردا بۇغداي باھاسى ئۆسكەن، قىسمەن رايونلاردا تالىشىپ سېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسى مۇنداق دېدى: 15-ئىيۇنغىچە، جياڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردا تۈرلۈك ئاشلىق كارخانىلىرى 7 مىليون 313 مىڭ توننا يېڭى بۇغداي سېتىۋالدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50تىن كۆپرەك ئارتۇق. خۇبېي، سىچۈەن قاتارلىق 12 ئاساسلىق مايلىقدان ئىشلەپچىقىرىدىغان رايوندا تۈرلۈك ئاشلىق كارخانىلىرى 1 مىليون 200 مىڭ توننا يېڭى قىچا سېتىۋالدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %75تىن كۆپرەك ئاشقان.

  2013-يىلى بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى ھەر جىڭىنىڭ 1 يۈەن 12 پۇڭ ئىدى. لايىھەنى ئىجرا قىلغان ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان خېبېي، جياڭسۇ، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي قاتارلىق ئالتە ئۆلكىدە، نىسبەتەن بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بۇغداي سېتىۋېلىش باھاسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى. يېقىنقى مەزگىلدە بۇغداي سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشىمۇ، قىسمەن دېھقانلارنىڭ تالىشىپ سېتىش پىسخىكىسىنى ئېغىرلىتىۋەتتى. بۇغداي ئۇچۇرى تەھلىلچىسى لى خوڭچاۋ تۈركۈم بويىچە سېتىش، ئالدىراپ قارغۇلارچە تالىشىپ ساتماسلىق ھەققىدە تەكلىپ بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: بازار تەرەققىياتى باسقۇچلۇق بولىدۇ، دېھقان دوستلارنىڭ قارغۇلارچە شامالغا ئەگىشىپ كەتمەي، تۈركۈم بويىچە ئاشلىق سېتىپ، ئۆز مەنپەئەتىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە