باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چۆچەك-قازاقىستان چېگرا ساياھەت ئۆمىكى 26-ئىيۇن يولغا چىقىدۇ

2013.06.26 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەچچە ئاي تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ چۆچەك چېگرا ساياھەتچىلىكىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولدى. چۆچەكتىن قازاقىستانغا بارىدىغان چىگرا ساياھەت تۇنجى ئۆمىكى 26- ئىيۇن قازاقىستانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.بۇ يول لىنىيىسى 11-ئاپرېل دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن ، چۆچەكتىن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى ئۇرجار ناھىيەسى ئالا كۆل مەنزىرە رايونىغىچە، ئومۇمىي مۇساپىسى 130 كىلومېتىر. بۇ لېنىيەدە ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت لايىھەلەنگەن بولۇپ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى شەكلىدە بولىدۇ.

  بۇ قېتىملىق تۇنجى ئۆمەكنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسى ئۇرجار ناھىيەسى ئالاكۆل مەنزىرە رايونىنىڭ مېھمانخانا ئەسلىھەلىرى، كۈتىۋېلىش ئىقتىدارى، ئامانلىق، يىمەك-ئىچمەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تەييار ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تېزراق ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا پايدىلىق.

  چۆچەك «ئاق تېرەك ساياھەت كوپراتىۋى»نىڭ مەسئۇلى ياڭ چۇنشېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇرجار ناھىيەسىنىڭ تەبئىي مەنزىرىسى گۈزەل، بولۇپمۇ ئالا كۆل مەنزىرە رايونىنىڭ تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، بۇ يەر ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئالىي دەرىجىلىك قوماندانلىرىنىڭ دەم ئېلىش، داۋالىنىش بازىسى ئىدى. ياڭ چۇنشېڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر ۋىزا مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىۋاتىمىز، ئەگەر ۋىزىسىز بولسا ساياھەت چىقىمى ئاز بولغاندىمۇ 3000 يۈەن ئازلايدۇ». ئەگەر ۋىزا چىقىمىنى ھېسابلىمىغاندىمۇ، ئاساسلىقى دۆلەت ھالقىغان ترانسىپورت چىقىمى بىرئاز يۇقىرى بولغانلىقتىن، بىر كۈنلۈك چىقىم مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  چۆچەك شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جيا شېڭلىڭ ھازىر جۇڭگو تەرەپنىڭ قازاقىستان تەرەپ بىلەن ئاكتىپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ۋىزىسىز ساياھەت كېلىشىمى تۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە