باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى خىمىيىۋى قورال ئىشلەتتى، دېدى

2013.06.26 13:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن باش ئورگىنى دۇبەيگە تەسىس قىلىنغان ئەرەبىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 24-ئىيۇن كۈچتە سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى ئەربابنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى زامالكا بازىرىدا ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر بىلەن كەسكىن ئۇرۇش قىلغان ھەمدە ئۇددا ئۈچ كۈندە بۇ بازارغا ھۇجۇم قىلغاندا خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىپ، نەچچە ئون كىشىنى يارىلاندۇرغان ۋە ئۆلتۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلار بار ئىكەن.

  ئەرەبىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇنداق دېدى: بۇ رايوندا نېرۋىسى زەھەرلەنگەن ئىككى ئۆكتىچى قوراللىق خادىمدا نەپىسى قىسىلىش، ھوشى ئېنىق بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلدى، ئەتراپتىكى خادىملار ئۇلارنى جىددىي قۇتقۇزماقتا.

  سۈرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئەللىم شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: تېررورچى ئۇنسۇرلار ھەلەپ ئۆلكىسىنىڭ كانئاسا بازىرىدا نېرۋىنى زەھەرلەيدىغان گاز ئىشلەتتى دەپ تەكىتلىدى، ئۇ بىزنىڭ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتىمىز بار، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە