باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى

2013.06.25 17:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ 21 – ئىيۇن ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىگە تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلغان، شۇنداقلا گۇۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش – ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى بولغان گوۋۇيۈەن دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: گوۋۇيۈەن دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار زور فاڭجېن، سىياسەت، تەدبىرلەرنى تەشكىللىك بېكىتىش ۋە قاراپ چىقىش، دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتىنى تەشكىللىك ئىلگىرى سۈرۈش، جايلار، تارماقلارنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشتىن ئىبارەت.

  ئۇقتۇرۇشتا ئېلان قىلىنغان تەشكىلىي خادىملار تىزىملىكىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي گۇرۇپپا باشلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يىن ۋېيمىن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋېن باش كاتىپى شياۋ ياچىڭ ۋە گۇۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ شۇخۇڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان. ئەزالىرى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق 29 ئورۇننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە